خىتاي ئامېرىكىنى ‹ش ت ئى ھ› گە قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى

بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خىتاينىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ش ت ئى ھ) گە قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى.

316776
خىتاي ئامېرىكىنى ‹ش ت ئى ھ› گە قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى كوردىناتورى تىنا كايدانوۋ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى چېڭ گوپىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

بىر خىتاي ئەمەلدار، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ش ت ئى ھ) گە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدۇق. شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرىگە قارشى كۈرەشنى تولۇق قوللىشىنى تەلەپ قىلدۇق.» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بويىچە ئۇچۇر – ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە زوراۋانلىق تەرەپدارى ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى بويىچە بىرلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ جەرياندا، خىتاي تاراتقۇلىرى تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار – يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈۋاتقان 109 ئۇيغۇرنىڭ ھېلىھەم نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر