ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن ياردەمگە چىقىرىق قىلدى

يېرىم مىليون پەلەستىنلىك بالىلارنى مائارىپ بىلەن تەمىنلىگەن ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدە بان كىمۇننىڭ بىر قانچىلغان دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

316845
ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن ياردەمگە چىقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا جىددىي ياردەم چىقىرىقى ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن 5 مىليون پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن ساخاۋەتچىلەرنى ياردەمگە چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقى باياناتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېرىم مىليون پەلەستىنلىك بالىلارنى مائارىپ بىلەن تەمىنلىگەن ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدە بان كىمۇننىڭ بىر قانچىلغان دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل ئىلگىرى ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي قېىنچىلىققا دۈچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بان كىمۇن: «پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ 2016 – يىللىق ئوقۇش مەزگىلىدە كېچىكمەستىن ئوقۇشۇنى باشلىيالىشى ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 100 مىليون دوللارغا ئېھتىياج بار. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق خەيرى – ساخاۋەتچىلەرنى ياردەمگە چاقىرىمەن» دېدى.
ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا كۆرە، سانى تەخمىنەن 5 مىليوندىن ئاشىدىغان پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلاردىن 2 مىليون 100 مىڭ كىشى ئىيوردانىيەدە، 1 مىليون 300 مىڭ كىشى غەززەدە ۋە 914 مىڭ كىشى ئىيۇردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 500 مىڭ كىشى سۈرىيەدە ۋە 447 مىڭ كىشى لىۋىيەدە ياشىماقتا.
1949 – يىلى قۇرۇلغان ب د ت نىڭ پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا مائارىپ، سەھىيە، پىسخىئولوگىيەلىك داۋالاش ۋە قوغداش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر