پاكىستان ۋە ھىندىستاندىكى كەلكۈن ئاپتىدە  نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

پاكىستان بىلەن ھىندسىتاندا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، پاكىستاندا 140، ھىندىستاندا 48 ئادەم ئۆلدى.

312987
پاكىستان ۋە ھىندىستاندىكى كەلكۈن ئاپتىدە  نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا مۇسۇل يامغۇرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 140قا يەتتى.
ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھەربىيلەر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ھايبەر-پاكتۇنكۋا، چىتال ۋە پەنجاب ئۆلكىلىرىدە پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بارماقتا.
پاكىستاندا بۇلتۇر مۇسۇل يامغۇرلىرى سەۋەبىدىن چەناب دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدە پەنجاپ ئۆلكىسىدىلا 300دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانىدى.
2010-يىلى پاكىستان تارىخىدا ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاپەتتە 2000 كىشى قازا قىلغان، 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى.
مۇسۇل يامغۇرلىرى ھىندىستاندىمۇ نۇرغۇن جانغا زامىن بولدى. ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدە كومېن بوران-چاپقۇنى ۋە شىددەتلىك ھۆل-يىغىننىڭ تەسىرىدە 48 ئادەم قاز قىلدى.
غەربىي بېنگالدىكى يېزىلاردا ياشاۋاتقان 4مىليون كىشىمۇ ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
غەربىي شىمالغا جايلاشقان راجاستان ئۆلكىسىدە 28، شەرقىي شىمالغا جايلاشقان ئودىشا ئۆلكىسىدە بولسا 5 كىشى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.
ھىندىستاندا ھەر يىلى ئىيۇن ئېيىدىن سېنتەبىر ئېيىغىچە شىددەتلىك ياغىدىغان مۇسۇل يامغۇرلىرى نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئۆلۈش ھادىسىسىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر