ئەرەب ئىتتىپاقى ب د ت دىن كومىتېت تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

ئەرەب ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پەلەستىندىكى بوۋاق ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن كومىتېت تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

311666
ئەرەب ئىتتىپاقى ب د ت دىن كومىتېت تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ نابلۇستا پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە بىر ئۆيگە ئوت-قويۇۋېتىپ بىر بوۋاقنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەنىڭ، بىتەرەپ ۋە ئادىل تەكشۈرۈلۈپ جاۋابكارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە خەلقئارالىق بىر كومىتېت تەشكىللىنىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «پەلەستىن ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئەرەب زېمىنلىرى»غا مەسئول ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تەشكىللىنىدىغان كومىتېت تەرىپىدىن تەييارلاپ چىقىلىدىغان دوكلاتلارنىڭمۇ پەلەستىن خەلقىنى قوغداش مەقسىتىدە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئېلىنىشى ئۈچۈن ب د ت باش كاتىپى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەقدىم قىلىش تەلەپ قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرى جەۋاد ئاۋاد بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئۆيلىرى بۇلان-تالان قىلىنغان دەۋابىشە ئائىلىسىدىن يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم ناچار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ جۈمە كۈنى نابلۇس شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان دۇما رايونىدا پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە بىر ئۆيگە ئوت قويۇۋېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە ئەلى ئىسىملىك بىر بوۋاق ئۆلگەن، چوڭلار ۋە 4 ياشلىق يەنە بىر ئوغلى ئېغىر يارىلانغانىدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا پەلەستىن ۋە خەلقئارالىق جامائەتچىلىك قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر