نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار تەيۋەن دائىرىلىرىگە 3 تۈرلۈك تەكلىپ سۇندى

تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار، بىر خىتاي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان دەرسلىك كىتابى كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىدۇ، دەپ قارىغان 3 تۈرلۈك تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

311612
نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار تەيۋەن دائىرىلىرىگە 3 تۈرلۈك تەكلىپ سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە ‹بۆلگۈنچىلىك قىلىش› بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار، بىر خىتاي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان دەرسلىك كىتابى كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىدۇ، دەپ قارىغان 3 تۈرلۈك تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر ئۈچ تۈرلۈك تەلىپى دەرسلىك كىتابنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ تەكلىپلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىشى ۋە مائارىپ مىنىستىرى ۋۇ شى خۇانىڭ كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بېرىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

يۈزلەرچە ئوقۇغۇچى جۈمە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىناسىغا بېسىپ كىرگەن ۋە بىنانى ئىگىلىۋېلىش بىلەنلا قالماستىن ئۇ يەرگە چېدىرلىرىنى قۇرغان، ساقچىلار بولسا، ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاپ چىقارماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغانىدى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، دەرسلىك كىتابلىرى خىتايغا مايىل بۇرمىلانغان تارىختىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ‹بىر خىتاي› سىياسىتىنى قوبۇل قىلدۇرۇش يولىدىكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر قانچە ئاينىڭ مابەينىدە ئۆزلىرىنى ‹خىتايلىق ئەمەس، تەيۋەنلىك› دەپ تەرىپلەش مايىللىقى كۈچىيىۋاتقان تەيۋەن ياشلىرى، نۆۋەتتىكى بېيجىڭ تەرەپدارى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ قېتىمقى نامايىش، پەيشەنبە كۈنى كەچتە بىر كىشىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى مۇشۇ خىل نامايىش ئەسناسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ باشلانغانىدى.

رويتېرزنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ‹قۇياش گۈلى› ناملىق نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلى يانۋار ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇستەقىللىق تەرەپدارى نامزاتقا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلامنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، بۇنىڭ تەيۋەندىكى كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى قەتئىي يول قويمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى تەيۋەننى بۆلىنىۋالغان بىر رايون، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئارالنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، كۈچ ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر