ب د ت، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK ۋە باشقا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

306314
ب د ت، تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ PKK نىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ب د ت باش كاتىپىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ياكى ئەيىبلىمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە دۈشەنبە كۈنى تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن دۇجارىك، «ئەلۋەتتە بىز بارلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

دۇجارىك مۇخبىرنىڭ «خۇسۇسەن PKK نىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەمسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا ‹PKK نىڭ قىلمىشلىرىنى مەخسۇس ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بايانات ئىشخانىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن ‹PKK ئۇنسۇرلىرى ئارىسىدا كۈچىيىپ كەتكەن جىددىيچىلىك› تىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسىلىنى ‹تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈچۈن، بالدۇرراق ئىجابىي دىيالوگ› ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

بان، مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنى ئۆتمۈشنىڭ ناھايىتى ئېغىر قايغۇ – ئازابلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان كۈنلىرىگە قايتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر