مېكسىكىدا ئاياللار نامايىش ئۆتكۈزدى

مېكسىكىدا ئاياللار تەشكىلاتى ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

346482
مېكسىكىدا ئاياللار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا 9 يىلدا 2300 ئايال ئەرلەر زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مېكسىكىلىق ئاياللار بۇ قورقۇنچلۇق ھادىسىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن پايتەخت مېكسىكىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
پايتەخت مېكسىكىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن يەرگە يېتىۋېلىپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
«جىنسىيەت سىگنالى» ناملىق تەشكىلات ئاستىدا ئۇيۇشقان ئاياللار زوراۋانلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر