ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ پەلەستىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەۋە بىر بىنانى ۋەيران قىلدى.

381275
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيا رايونىدا پەلەستىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەۋە بىر بىنانى ۋەيران قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىن ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيا رايونىدا پەلەستىن ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىقىغا تەۋە بىر بىنانى ۋەيران قىلغان. ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار بولمىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر