دۇنيا قۇددۇس كۈنى تەبرىكلەندى

دۇنيا قۇددۇس كۈنى ئىران، ئىراق ۋە لىۋاندا تەبرىكلەندى.

378853
دۇنيا قۇددۇس كۈنى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا قۇددۇس كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سىرت يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى شوئارلار توۋلاندى.
ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىمۇ ئىشتىراك قىلدى. بىراق يادرو مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيت بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەسەن رۇھانى پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزمىدى.
ئىراق ۋە لىۋاندا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە دائېشمۇ لەنەتلەندى.
لىۋاندىكى پائالىيەتكە قاتناشقان ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھەسەن نەسراللاھ، پەلەستىن ئازادلىق كۈرىشىنىڭ بىردىنبىر ھامىيسىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىران دۈشمەنلىكىنىڭ پەلەستىن دۈشمەنلىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىران ئىسلام ئىنقىبلابىينىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھۇمەينى، 1979 - يىلى پەلەستىن ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنىنى دۇنيا قۇددۇس كۈنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر