بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدىكى خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇردى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدىكى پۇقرالىرىنى بېيجىڭغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.

332855
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدىكى خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە بىر قىسىم خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ «ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بىئارام قىلىنغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەگە بارىدىغان پۇقرالىرىنى بېيجىڭغا قارشى نامايىشلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە بۈگۈن (يەكشەنبە) ئېلان قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشتا، يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قاتار نامايىشلارنىڭ بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا خىتاي پۇقرالىرىغا چاقىرىق قىلىنىپ: «نامايىشلارغا يېقىنلاشماڭلار، نامايىشنى سۈرەتكە ئالماڭلار، يالغۇز سىرتقا چىقىشنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئازايتىڭلار.» دېيىلدى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا نامايىشلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىشى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئۆتىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەردىن بىئارام بولغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

تۈركىيە ئۆتكەن جۈمە كۈنى، خىتايدىكى بېسىمدىن قاچقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر