سۈرىيەدە ئىپتار ۋاقتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق ئەرىھا ناھىيەسىدىكى بىر جامەدە ئىپتار ۋاقتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 15 كىشى ئۆلدى.

331839
سۈرىيەدە ئىپتار ۋاقتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇسرە ئالدىنقى سېپى تەرىپىدىن ئەرىھا ناھىيەسىدىكى سالىم جامەسىدە بېرىلگەن ئىپتاردا بىر كىشى ناماز شامغا ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتتى، ھۇجۇمدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا نۇسرە ئالدىنقى سېپىنىڭ ئەزالىرىمۇ بار بولۇپ، يارىلانغانلار ناھىيە ۋە ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.
ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەرىھا ناھىيەسىنى ماي ئېيىدا ئۆكتىچىلەر بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان فەتىھ قوشۇنى كونىترول ئاستىغا ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر