بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا دۇنيا مىقياسىدا 71 مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى

مەركىزى جەنۋەدە بولغان مەتبۇئاتلار جەمئىيىتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا دۇنيا مىقياسىدا 71 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

329260
بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا دۇنيا مىقياسىدا 71 مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە، مەركىزى جەنۋەدە بولغان مەتبۇئاتلار جەمئىيىتى يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 24 دۆلەتتە 71 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مەتبۇئاتلار جەمئىيىتىنىڭ 2014-يىللىق دوكلاتىدا «ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونى مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك رايوندۇر. يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا لىۋىيەدە8، يەمەندە6، ئىراقتا 6، سۈرىيەدە 2 ۋە غەززەدە 1 بولۇپ جەمئىي 23 مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلدى.
ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدىن قالسا لاتىن ئامېرىكىدىمۇ مۇخبىرلارنى ئۆلتۈرۈش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، مېكسىكادا 4، ھوندۇراس، گۇائانتەمالا ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 3، كولۇمبىيەدە2، پاراگۋاي ۋە دومىنىكتە 1 بولۇپ 17 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئافرىقا قىتئەسىدە 9 مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي سۇداندا6، سومالى، كېنىيا ۋە دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيەتىدە بولسا بىر مۇخبىر ئۆلتۈرۈلگەن، ئاسىيا قىتئەسىدە فىللېپىندا 3، ھىندىستان ۋە پاكىستان 4، ئافغانىستان ۋە ھىندىنوزىيەدە 2 بولۇپ جەمئىي 9 مۇخبىر قەتلى قىلىنغان،
مەتبۇئاتلار جەمئىىتى بۇلتۇر دۇنيا مىقياسىدا 32 دۆلەتتە 138 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر