يەمەندىكى بىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان 1200 مەھبۇس قېچىپ كەتتى
يەمەننىڭ تەئىز شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان 1200 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.
327749
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قېچىپ كەتكەن مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ ئەزالىرىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.
بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تۈرمىدىن قېچىش ھادىسىسىنىڭ قانداق ئەمەلىيلەشكەنلىكى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىدى.
يەمەن تاراتقۇلىرى، تۈرمىگە باستۇرۇپ كىرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدە ئەزالىرىنىڭ مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بەزى مەنبەلەر بولسا، تۈرمىنىڭ ھۇسىي شىئەلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇ جەرياندا مەھبۇسلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.