مىسىر باش تەپتىشى سۈيىقەستكە ئۇچرىدى

پايتەخت قاھىرەدە مىسىرنىڭ باش تەپتىش ھىشام بەراكات ئاپتوموبىلىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

325012
مىسىر باش تەپتىشى سۈيىقەستكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پايتەختى قاھىرەدە باش تەپتىش ھىشام بەراكات سۈيىقەستكە ئۇچرىدى. ھۇجۇم باش تەپتىش ھىشام بەراكات ئۆيىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بەردى، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاپتوموبىللارمۇ زىيانغا ئۇچرىدى.
بومبا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ياكى ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا يىراقتىن تىزگىنەك ئارقىلىق پارتلىتىلغان.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇم، مىسىردا 2013 – يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارغا قىلىنغان سۈيىقەست بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مىسىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) قا چېتىلىدىغان بىر تەشكىلات، ماي ئېيىدا قانۇن ئورگانلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ھۇجۇم قىلىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەلئەرىش شەھىرىدە ئۈچ سوتچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر