پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

پەلەستىن ھۆكۈمىتى، غەززە ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ئۇرۇش جىنايىتىدىن سوتلىنىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

320438
پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى دوكلات ھالىتىدە لاھەيدىكى سوت مەھكىمىسىگە سۇندى. دوكلات، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسى مەركەزلىرى ۋە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان ناچار مۇئامىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەل مالىكى، مەھكىمە تەپتىشلىرىنىڭ پەلەستىندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەل مالىكى، تەكشۈرشنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر سىناق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى تېزلەشتۈرۈشنى، غەززەدىكى قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھېساب بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.» ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پەلەستىننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئەكس تەسىر قوزغايدىغان بىر قەدەم» دەپ ئاتىدى. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، پەلەستىننى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. پەلەستىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە بۇ يىل ئافرېلدا ئەزا بولغان بولۇپ، مەھكىمە نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بارماسلىق مەسىلىسىدە ئالدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ مەھكىمە بىلەن ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى يوق ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرگە كۆرە، ھەمكارلاشمىغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇلتۇر غەززەگە قىلغان ۋە ئۇدا 50 كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى پۇقرالار بولۇپ، جەمئىي 2100 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر