گوللاندىيە بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا سرېبرېنىتسا قەتلىئامى ئۈچۈن كە
گوللاندىيە بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 8 مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن سرېبرېنىتسا قەتلىئامى يۈز بېرىپ ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن كەچۈرۈم سورىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆز ۋاقتىدا گوللاندىيە تىنچلىق ساقلاش قىسملىرى جايلاشقان بىخەتەر رايوندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۈچ بوشناق مۇسۇلماننىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ھەق – ھوقۇق كۈرىشىدە غەلىبە قىلدى.
گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئۈچ بوشناق مۇسۇلماننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى مەلۇم بولدى.
بۇ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىناغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتكەن گوللاندىيەنىڭ سرېبرېنىتسا قەتلىئامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىم كەچۈرۈم سورىشى ھېسابلىنىدۇ.
گوللاندىيەنىڭ قەتلىئاملاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۈچ بوشناق مۇسۇلماندىن بىرى گوللاندىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن تەرجىمانلىق قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا ئېلېكتر ئىشچىسى ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.