ناتو يىغىنى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

320015
ناتو يىغىنى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورتاق مۇداپىئە كۈچىنى زورايتىش قارارى ئالغان ئىتتىپاقداشلارنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىسىنى ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ قىلىش قىلمىشلىرى توغرۇلۇق توختالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتىنبۆرگ، رۇسىيەنى مىلىتانلارغا بېرىۋاتقان ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى.
تۈركىيەگە ۋەكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز ئىشتىراك قىلغان ئۇكرائىنا – شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى يىغىنىدا رۇسىيەدىن مىنكس كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
يىغىندا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. رۇسىيەنىڭ بۇلتۇر خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلىپ، قىرىمنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالغانلىقى ئەسكەرتىلدى، بۇنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر