خىتاي شىركەتلىرى سىبىرىيەدىكى تېرىلغۇ جايلارغا كۆز تىكتى

بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سىبىرىيەدە تېرىلغۇ جايلارنى ئىجرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

319288
خىتاي شىركەتلىرى سىبىرىيەدىكى تېرىلغۇ جايلارغا كۆز تىكتى

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سىبىرىيەدىكى 115مىڭ گېگتارلىق يەرنى يېزا-ئىگىلىك ئىشلىرىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىجارىگە ئېلىش مەقسىتىدە رۇسىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى، بەزى شىركەتلەر بولسا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
رۇسىيەنىڭ تىرانسبايكالىيا ۋىلايىتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شىركىتى خۇا سىنبو يەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن 448 مىليون دوللار تەكلىپ قىلغان. تاس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇس يەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ ساھەدە خىتاي شىركىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان. خۇا سىنبو شىركىتىنىڭ سىبىرىيە يەرلىرىنى 49 يىللىق ئىجرىگە ئېلىشنى پىلانلىماقتا.
موسكوۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ناتالىيا زۇبارېۋىچ، BBCنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سىبىرىيەدە بۇنچىلىك تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىشنىڭ پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ناچار ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن، مەھسۇلات يېتىشتۈرۈشنىڭ زور تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇتىن ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 2014-يىلى ماي ئېيىدا رۇس ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيەگە زور ئېھتىياجى بولغان خىتاي بىلەن 30يىل داۋاملىشىدىغان 400 مىليارد دوللارلىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر