خىتايدا 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق زەھەرلىك گۆش بىر تەرەپ قىلىندى

خىتايدا ئادەم سالامەتلىكىگە زىيانلىق 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن گۆش قولغا چۈشۈرۈلدى.

316357
خىتايدا 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق زەھەرلىك گۆش بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاموژنا ئىدارىسى ئەتكەسچىلىككە قارشى كۈرەش خادىملىرىنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ 14 ئۆلكە ۋە رايوندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە، ئادەم سالامەتلىكىگە زىيانلىق 3 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 483 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن گۆش مۇسادىرە قىلىندى.
مەسئۇل دائىرىلەر ئوخشىمىغان ئۆلكە ۋە رايونلاردا گۆش ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 14 قارا گۇرۇھنى تارمار قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ بۇ قارا گۇرۇھلارنىڭ چەت دۆلەتلەردىن ئەرزان باھادا سېتىۋالغان گۆشلەرنى ساغلام بولمىغان ۋە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
قارا گۇرۇھلارنىڭ گۆشلەرنى قاتناش ھەققىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە توڭلاتقۇسى بولمىغان ئاپتوموبىللار بىلەن توشۇغانلىقى ئۈچۈن ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ھالغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى. قولغا چۈشۈرۈلگەن گۆشلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن توخۇ، كالا ۋە چوشقا گۆشلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىنغان.
خىتايدا 2014 – يىلىمۇ 30 مىڭ توننا بۇزۇلۇپ قالغان توخۇ پاچىقى بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىلىرىنى گۆش بىلەن تەمىنلەيدىغان «خۇسى» شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خىتايدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن يېمەك – ئىچمەك ۋەقەلىرىگە قارىتا خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر بولسا، يېمەك – ئىچمەك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشلەرنى كۈچەيتىشنى چاقىرىق قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر