ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

ئىران پارلامېنتى كۆپچىلىك ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن «يادرو ھوقۇقىنى قوغداش لايىھەسى» نى تەستىقلىدى.

313598
ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دۆلەت ۋە گېرمانىيە تەشكىل تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يادرو سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، ئىران پارلامېنتى «يادرو ھوقۇقىنى قوغداش لايىھەسى» نى تەستىقلىدى. لايىھە پارلامېنتتىكى ئاۋازغا قويۇشتا، 199 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.
ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئەلى لارىجانى لايىھەنىڭ ھۆكۈمەتكە يادرو تېخنىكىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مىللىي مەنپەئەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «ئالتە دۆلەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو مۇزاكىرىلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ھەر قانداق نەتىجە، تەستىقلانغان لايىھەگە ئۇيغۇن بولغان ئەھۋالدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ» دېدى.
ئىران پارلامېنتى تەستىقلىغان لايىھەدە تۆۋەندىكى ماددىلار بار:
-تۈزۈلمەكچى بولغان كېلىشىم تېكىستىدە، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن بارلىق ئېمبارگولارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئوچۇق ئىپادە قىلىنىشى ۋە كېلىشىم تۇنجى كۈندىن باشلاپلا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.
- خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى (IAEA) يادرو ئەسلىھەلىرىنى «يادرو قوراللىرىنىڭ كېيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى» رامكىسىدا تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەربىي ئورۇنلار، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە يادرو بولمىغان سەزگۈر جايلارنى تەكشۈرۈش؛ يادرو مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش قانۇنغا خىلاپ. بۇ مەسىلىلەردە مەملىكەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىنىشى كېرەك.
- تىنچلىقنى ياقىلايدىغان يادرو بىلىمى ۋە تەتقىقاتلىرىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ. بۇ مەسىلىلەردە مەملىكەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ئاساس قىلىنىدۇ.
ئىران بىلەن ئالتە دۆلەت 30 – ئىيۇنغىچە ئېمبارگولار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە يادرو پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغان كەڭ دائىرىلىك كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئەمما، تەرەپلەر ئارىسىدا ئېمبارگولارنى قانداق ئەمەلدىن قلدۇرۇش ۋە يادرو پائالىيەتلىرىنى قانداق تەكشۈرۈش مەسىلىلىرىدە پىكىر ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. تەرەپلەر 2 – ئاپرېل شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە رامكا كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم تېكىستىنىڭ 30 – ئىيۇنغىچە تاماملىنىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر