لورانت فابىيۇس مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

فابىيۇس، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىن مەسىلىگە ئالاقىدار ئەرەب مىنىستىرلار كومېتىتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يېتىپ باردى.

312520
لورانت فابىيۇس مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورانت فابىيۇس، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىن مەسىلىگە ئالاقىدار ئەرەب مىنىستىرلار كومېتىتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يېتىپ باردى.

فابىيۇس مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلاردا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، مىسىر – فىرانسىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش شۇنداقلا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر