بوكو ھارام چادتا قەتلىئام يۈرگۈزدى

چادنىڭ پايتەختى نېجامېنادا بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى بوكو ھارام تەشكىلاتى ئېلىپ باردى.

310563
بوكو ھارام چادتا قەتلىئام يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاد يېزا ئىگىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى مىنىستىرى ئادېراھىم برېمې، دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «ئېگىلىشىمىزچە، 15 ئىيۇن كۈنى ساقچى مەكتىپى بىلەن ساقچىخانا نىشان قىلىنغان، 34 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان ھۇجۇملار بوكو ھارام تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان» دېدى.
برېمې، تېررورىستلارنىڭ يېقىندا قولغا چۈشىدىغانلىقى ۋە ئادالەتكە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
برېمې، ھۇجۇملاردىن كېيىن خەلقنىڭ خاتىرجەم بولغانلىقى ۋەتېررورىستلارنىڭ تۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بىر قىسىم رايون دۆلەتلىرىنىڭمۇ قوللىشى ئاستىدا يانۋاردىن تارتىپ ھازىرغىچە 5 مىڭ كىشىلىك قىسىم بىلەن بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان چادنىڭ پايتەختى نېجامېنا تۇنجى قېتىم قورقۇنچلۇق قانلىق ھۇجۇملارغا سەھنە بولدى.
ھۇجۇملاردىن كېيىن دۆلەتتە 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر