ئامېرىكىدا بىر چېركاۋ قوراللىق زوراۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي كارېلاينې ئىشتاتىدىكى تارىخىي بىر چېركاۋ قوراللىق زوراۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

308854
ئامېرىكىدا بىر چېركاۋ قوراللىق زوراۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇجۇم چالستېن شەھىرىدىكى تېگى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بولغان چېركاۋدا مەيدانغا كەلدى.
چالستېن ساقچىلىرى تەكشۈرۈش جەريانىدا، زوراۋاننىڭ 21 ياشلىق ئاق تەنلىك بىر ئەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
ساقچىلار ھۇجۇمنى «نەپرەت جىنايىتى» دەپ ئاتىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر