ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى سۈرىيەلىكلەرنى زىيارەت قىلدى

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئەننې برەسېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت كىلىس ۋە گازىئانتەپتىكى چېدىر شەھەرلەردە ياشاۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنى زىيارەت قىلدى.

305382
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى سۈرىيەلىكلەرنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەننې برەسېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئالدى بىلەن كىلىستە زىيارەتتە بولدى. خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەننې برەسېر، «ئەمدى سىلەرگە ياردەم بېرىشىمىز لازىم» دېدى.
ھەيئەت چېدىر شەھەردىكى بالىلار يەسلىسىنى زىيارەت قىلدى، ئۆسمۈرلەر ئورۇنلىغان نومۇرلارنى كۆردى ھەمدە ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ھەيئەت، كېيىنچە شەھەر مەركىزىدىكى كۆپ مەقسەتلىك ئاممىۋى مەركەزدە ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك ئاياللار بىلەن كۆرۈشتى.
ئەننې برەسېر، «تۈركىيە خەلقىنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە نامايەن قىلىۋاتقان مېھماندوستلۇقى مېنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىلدى. دەرۋەقە تۈركىيەگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىق شەرت» دېدى.
كېيىنچە گازىئانتەپنىڭ نىزىپ ناھىيەسىگە ئۆتكەن ئەننې برەسېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بۇ يەردە چېدىر شەھەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر