خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

ھەققىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقان خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ سابىق باشلىقى لياۋ يوڭيۈەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

304356
خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى لياۋ يوڭيۈەننىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق» قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مارت ئېيىدا لياۋ يوڭيۈەن ئۈستىدىن پارىخورلۇق قىلغانلىقى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلىپ، تەكشۈرۈش باشلانغان ئىدى. لياۋ يوڭيۈەن تەكشۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن، بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي نېفىت شىركىتى 2014-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ 500 شىركەت تىزىملىكىگە خىتاي نېفىت-خىمىيە شىركىتىدىن كېيىن كىرگەن ئىككىنچى شىركەت ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر