ئاياللار ئۇيقۇدىن ئەرلەرگە قارىغاندا خامۇشراق ئويغىنىدىكەن

ئاياللارنىڭ ئۇيقۇدىن ئەرلەرگە قارىغاندا خامۇش ئويغىنىدىغانلىقى ۋە كۆپرەك ئۇخلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

302523
ئاياللار ئۇيقۇدىن ئەرلەرگە قارىغاندا خامۇشراق ئويغىنىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەقىللىق تېلېفونلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئۇخلايدىغانلىقلىرى، شۇنداقلا ئۇيقىدىن ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك خامۇش ئويغىنىدىغانلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.
«ئۇيقۇ ھالقىسى» تېمىلىق راي سىناشتا 47 دۆلەتتىن 18-55 ياشلار چاممىسىدىكى 950 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئۇخلاش ئادەتلىرى 1 يىل تەكشۈرۈلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەردىن ئوتتۇرىچە 34.5 مىنۇت كۆپ ئۇخلىغان ھىندىنوزىيەلىك ئاياللارنىڭ «ئەڭ كۆپ ئۇخلايدىغان ئاياللار» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەتىگەندە ئەڭ خامۇش ھالدا ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغانلار بولسا ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە سىنگاپۇرلۇق ئاياللار ۋە ئەرلەر ئىكەن.
ئاۋۇستىرالىيە، كانادا ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئەرلەر ئۇيقىدىن ئاياللارغا قارىغاندا خوشالراق ئويغىنىدىكەن، كولۇمبىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئۇكرائىنادا ئاياللارنىڭ ئۇيقىدىن ئەرلەرگە قارىغاندا خوشالراق ئويغىنىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيە ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئۇخلايدىغان، ئەرلەر ئۇيقۇدىن ئاياللارغا خوشالراق ئويغىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى.
تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن دۆلەتتىگە ئوخشاش ئەڭ سۈپەتلىك ئۇيقۇنى چارشەنبە كۈنى ئۇخلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئوخشاشلا تۈركلەر ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا 30 مىنۇت كۆپ ئۇخلايدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر