نىگېرىيە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى تەلەپ قىلماقتا

نىگېرىيە بوكو ھارام مىلىتانلىىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان رايونلۇق كۈچكە رەھبەرلىك قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

302542
نىگېرىيە  رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى تەلەپ قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى، قوشنا دۆلەتلەر بېنىن، نىگېر ۋە كامېرۇننى دۆلىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بوكو ھارام مىلىتانلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان رايونلۇق كۈچكە رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى نىگېرىيەنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى. بۇخارى، نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادا چاد كۆلى ئويمانلىقى كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، بوكو ھارام مىلىتانلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كۆپ دۆلەتلىك ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىنىڭ 6 ئايدا بىر قېتىم ۋەزىپە ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۈرەشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇخارى يەنە، دۆلىتىنىڭ رايونلۇق كۈچكە 100 مىليون دوللار بەرگەنلىكى توغرىلىقمۇ ئەسكەرتىش بېرىپ، «بوكو ھارامغا قارشى كۈرىشىمىزگە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدىن قارىلىشى لازىم» دېدى. نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بوكو ھارام مىلىتانلىرىنىڭ ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئون مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلارچە كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر