پاكىستان خىتايدىن ئالتە ھەربىي كېمە سېتىۋالىدۇ

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتايدىن ئالتە ھەربىي كېمە سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

301340
پاكىستان خىتايدىن ئالتە ھەربىي كېمە سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاينىڭ كېمە سودا شىركىتى (CSTC) ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە، خىتاي شىركىتىنىڭ پاكىستان دېڭىز بىخەتەرلىك ئاگېنتلىقى ئۈچۈن خىتايدا تۆت كېمە، پاكىستاندا ئىككى كېمە بولۇپ، جەمئىي ئالتە ھەربىي كېمە ياسايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، سېتىۋېلىنىدىغان بۇ كېمىلەر بىلەن پاكىستان دېڭىز بىخەتەرلىك كۈچىنىڭ ئاشىدىغانلىقى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقى ۋە پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى قوغداشنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، 
پاكىستان ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا خىتايدىن يادرو قورالى قويۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن سەككىز سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر