خىتاي كارخانچى3-دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ، دېدى

سابىق ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى ما، 3-دۇنيا ئۇرۇشى بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

301846
خىتاي كارخانچى3-دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ، دېدى

خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى ئەلىبابا گۇرۇھىنىڭ سابىق باش دېرىكتورى، شۇنداقلا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بايلاردىن بولغان جەك ما، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ ئەڭ باي كارخانچىلىرىدىن جەك ما، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييار ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئەمەس، ئىنتېرنېت ۋە باشقا كۆچمە مۇنبەرلەر ساھەسىدە يۈز بېرىدىغان سودا ئۇرۇشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ئۇرۇشتا خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جەك ما نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىشىمىز مۇمكىن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر