خىتايدىكى پاراخوت ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 431 گە يەتتى

خىتايدا ياڭزى دەرياسىدا دۈشەندە كۈنى چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 431 گە يەتتى.

294908
 خىتايدىكى پاراخوت ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 431 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 456 كىشى ئولتۇرغان پاراخوت ۋەقەسىدىن كېيىن ھازىرغىچە 14 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، 11 كىشى تېخىچە تېپىلمىدى.
يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى دەريا بويلىرىدا داۋاملاشماقتا. يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى بولسا خۇش خەۋەر كۈتمەكتە.
بۇ ئارىلىقتا، قازا قىلغانلارنىڭ خاتىرىلەش يۈزىسىدىن جىنالى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى سېرىق رەڭلىك لېنتىلار بىلەن بېزەلدى.
ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ كىملىكلىرىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ئۈچۈن 1200 كىشىدىن DNA ئۆرنەكلىرى ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر