قۇددۇستا بىر تۈركۈم پەلەستىنلىكلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قۇددۇستا 4 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 6 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

291843
قۇددۇستا بىر تۈركۈم پەلەستىنلىكلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قۇددۇستا 4 بالىنى ساقچىلارغا تاش ئاتقانلىقى ئۈچۈن، 2 ياشنى ئاپتوموبىللىرىدىن قورال تېپىلغانلىقى ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئالغان.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى، غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستا پات – پات باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ. پەلەستىن ئەسىرلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 6500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك مەھبۇس بار ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كۆپىنچىسى ناھەق ھالدا تۈرمىلەرگە سۇلانغان پەلەستىنلىكلەر سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەگە كۈچلۈك نازارىلىق بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر