ھۇسىيلارنىڭ 38 قوراللىق ئادىمى ئۆلتۈرۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم، يەمەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەدەن ۋە ئەبيەن ۋىلايىتى ئارىسىدىكى ھۇسىيلار بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ لاگېرلىرى بار جايلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

291959
ھۇسىيلارنىڭ 38 قوراللىق ئادىمى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئەدەن ئەتراپىدا قىلغان ھاۋا بومباردىمانىدا، ھۇسىيلارنىڭ 15 قوراللىق ئادىمى ئۆلدى.
پىرېزىدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادىنى قوللايدىغان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش قىسمى شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان تائىز شەھىرىگە كېتىۋاتقان ھۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا، قوراللىق ھۇسىيلاردىن 18 ئادەم ئۆلدى. مارىب ۋىلايتىدە ھۇسىيلارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بولسا، بەش ئادەم ئۆلدى.
خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش قىسىملىرى سالىھ تەرەپدارلىرى بىلەن ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، چوڭ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 26-مارت يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھاۋا ھۇجۇمى باشلىغان ئىدى. 21-ئاپرېل پىرېزىدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادىنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە يەمەن خەلقى ئۈچۈن «قايتىدىن ئۈمىدلىنىش» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر