سامارادا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 38 ساقچى ئۆلدى

ئىراقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سامارا شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 38 ساقچى ئۆلدى.

300355
سامارادا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 38 ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا كۆپ ساندا ساقچى ۋە پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى، يارىدارلارنىڭ سامارادىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش (ئى ش ئى د) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر