سۈرىيە يەنە قان كۆلىگە ئايلاندى

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھەلەبكە ۋارىل بومبىسى ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 54 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

297952
سۈرىيە يەنە قان كۆلىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبتە تۈنۈگۈنمۇ بىر جامەگە ۋارىل بومبىسى ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇمدا 30 كىشى قازا قىلغان، 10 كىشى يارىلانغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دېر ئەززۇر شەھىرىدە ئى ش ئى د ئەترىتىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا نۇرغۇنلىغان مىلىتانلار ئۆلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ھاسجى ۋە گىرناتە يېزىسى بىلەن شەھبا دامبىسىنىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى، شەھەرگە قاراشلىق مارى ناھىيەسىگە مىناميوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر