«ئاراكان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسى بىرمىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى...»

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زۇلۇم – سىتەمگە دۇچ كېلىۋاتقان ئاز سانلىقلاردىن ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى.

296238
«ئاراكان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسى بىرمىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى...»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، بىرمىدا ياشاۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى تارتىۋاتقان ئەزىيەتلەر ۋە دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىنغا تېلېكونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى زەيد رائىد ئەل ھۈسەيىن، بىرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سېمەن پوۋېر، «تارىخىي ۋە تۇنجى قېتىملىق يىغىن» دەپ ئاتىغان ئولتۇرۇشتىن كېيىن، Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دېموكراتىك تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بولسا مەسىلىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى تەنقىد قىلدى ھەمدە بۇنىڭ بىرمىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يىغىندىن كېيىن ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پات يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتە قەدەم تاشلاش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئەزىيەت تارتىۋاتقان دىنىي ئاز سانلىقلار» دەپ ئاتالغان بىرمىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى شارائىتى ئىنتايىن ناچار لاگېرلاردا ياشىماقتا. ئۇدا بىرقانچە يىل داۋاملاشقان ھەربىي ھاكىمىيەتتىن كېيىن 2011 – يىلى ۋەزەپىگە ئولتۇرغان تېين سېين ھۆكۈمىتى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىسلاھات باسقۇچىدىن قىلچە بەھرىمەن بولالمايۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈنلا يولغا قويۇلۇۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى، ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئارىلىقتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ جەنۇبىي ئاسىيادا يۈز بېرىۋاتقان كۆچمەنلەر كىرىزىسى مەسىلىسىدە چاقىرىلىدىغان يىغىندا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن، «مەسىلىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى» بولغان بىرمىغا بېسىم ئىشلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. قاتار بولسا، بىرمىدىكى زۇلۇم - سىتەم ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىقتىن قېچىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ھىندونېزىيەگە 50 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، باڭلادېش ھۆكۈمىتى ساياھەتكە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى كوكس بازار شەھىرىدىكى لاگېرلاردىن قاقاس ئارال ھاتىياغا يۆتكەشنى پىلانلىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا باڭلادېشتىكى لاگېرلارنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. رەسمىي مەنبەلەرگە كۆرە، باڭلادېشتىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى 32 مىڭغا يېتىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر