تىنچلىق پائالىيەتچىسى ئاياللار ئىككى كورېيەنى بىرلىشىشكە چاقىردى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى ئەسكەردىن خالىي رايوندىن ئۆتكەن بىر گۇرۇپپا ئايال پائالىيەتچى، ئىككى دۆلەتنى قايتىدىن بىرلىشىشكە چاقىردى.

287185
تىنچلىق پائالىيەتچىسى ئاياللار ئىككى كورېيەنى بىرلىشىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىككىسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر بولۇپ جەمئىي 30 نەپەر تىنچلىق پائالىيەتچىسى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرادا تىنچلىق ناخشىلىرىنى ياڭراتقان ھالدا ماڭدى. پائالىيەتچىلەر چېگرادىكى ئەسكەردىن خالىي رايوندىن پىيادە ئۆتمەكچى بولغان بولسىمۇ، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردىن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆتتى. تىنچلىق پائالىيەتچىسى ئاياللار، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنى تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا چاقىردى.

1945- يىلى جەنۇب ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ئايرىلىپ كەتكەن كورېيەدە، ئىككى دۆلەت 1950 ۋە 1953 – يىللار ئارىسىدىكى ئىسسىق ئۇرۇشتىن بۇيان تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر