ب د ت: رامادىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە 128 مىڭ ئادەم قاچتى

ب د ت، ئىراقنىڭ رامادى شەھىرىدىن يېقىن ئىككى ئاي ئىچىدە 128 مىڭ ئىراقلىقنىڭ قاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

285887
ب د ت: رامادىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە 128 مىڭ ئادەم قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، (ب د ت) دائېش (ئى ش ئى د) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىراقنىڭ رامادى شەھىرىدىن يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 128 مىڭ ئىراقلىقنىڭ قاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادرىئان ئېدۋاردس، ماي ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان رامادىدىن 55 مىڭ ئىراقلىقنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، «ئاپرېل ئېيىنىڭ مابەينىدە 128 مىڭ ئادەم رامادىدىن قاچتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى بولسا، ئىراققا ئۇزۇق – تۈلۈك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 108 مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەمگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

دائېش رامادىنى 17 – مايدا قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر