شىمالىي كورېيە يادرو پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرماقتا

شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، كىچىك تىپتىكى يادرو قوراللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

282007
شىمالىي كورېيە يادرو پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، شىمالىي كورېيەلىك پەن – تېخنىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۇپا ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا زېمىنلىرىغا يېتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە يادرو قورالى تېخنولوگىيەسىگە ئىگە بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانى پولكوۋنىك بىل گورتنېي ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ پەقەت ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر خەۋپكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر