ئافغانىستاندا بىر مېھمانسارايدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
پايتەخت كابۇلدىكى بىر مېھمانسارايدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
273727
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ھەرىكەتتە بىر زوراۋان بىلەن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 6 كىشى يارىلاندى، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 54 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغان 4 كىشىدىن بىرى ئامېرىكىلىق، ئىككىسى ھىندىستانلىق، بىرى ئافغانىستانلىق بولۇپ، ھۇجۇمنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.