مودى خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندا مودى خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يۇرتى شىئەندىن باشلىدى.

274363
مودى خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغاندىن بويان تۇنجى قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولغان مودى، 3 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە شىئەن، بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مودىنىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دىجىياڭ قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي مېدىياسىنىڭ مودىنىڭ زىيارىتىگە دائىر خەۋەرلىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلقى ھىندىستاندا بولغاندا مودىنىڭ يۇرتى گۇجارات شەھىرىگە بارغانلىقى، مودىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يۇرتى شىئەنگە بېرىشىنىڭ ئۆزئارا ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۆتكەن يانۋار ئېيىدا ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىمزالانغان ‹ھىند ئوكيان رايونىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك كېلىشىمى› خىتاينىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن كېلىشىمنىڭ ‹خىتاي، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن ئارىسىدىكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى دەتالاشلىق رايونلارنى نىشان قىلىدىغانلىقى› قەيت قىلىنغانىدى.

خەۋەرلەردە، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ خىتاي – ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنى زەئىپلىتىۋەتكەنلىكى، مودىنىڭ مۇۋازىنەتلىك سىياسەت يۈرگۈزۈش نىشانىغا ئەمەل قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستان زىيارىتىدىن كېيىنكى 8 ئاي ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقەلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتايدا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ئىشەنچ ئورنىتىشنى ئويلاۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پات – پات يىرىكچىلىككە سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان چېگرا دەتالاشلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، مودىنىڭ زىيارىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

زىيارەت جەريانىدا پەن – تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ئاۋىياتسىيە، ئاپتوموبىل، تېز پويىز، يادرو ئېنېرگىيەسى دېگەندە بىر قاتار ساھەلەر ۋە خىتاينىڭ ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 10 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر