مالايشىيا ئىككى كۆچمەن كېمىسىنى قايتۇرۇۋەتتى

مالايشىيا كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى كېمىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

274288
مالايشىيا ئىككى كۆچمەن كېمىسىنى قايتۇرۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا 800دىن ئارتۇق كۆچمەننى ئېلىپ ماڭغان ئىككى پاراخوتنى قايتۇرۇۋەتتى.
مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋان جۇنايدى، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ پېنېناڭ دېڭىزىدا بايقالغان بىر كېمىدىكى 500دەك كۆچمەننىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مالايشىيالىق مەسئۇللار لاڭكاۋى ئارىلىغا يېقىن جايدا بايقالغان بىر كېمىدىكى 300دىن ئارتۇق كۆچمەننىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئارالدا كېيىنكى كۈنلەردە 1000دىن ئارتۇق كۆچمەننى ئېلىپ ماڭغان ئۈچ كېمە پورتقا كەلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر