خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئەقىللىق سائەت تاقاشنى چەكلىدى

خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى سېپىدىكىلەرنىڭ ئەقىللىق سائەت تاقىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

274799
خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئەقىللىق سائەت تاقاشنى چەكلىدى

خىتاينىڭ قوراللىق قىسىم خادىملىرىغا ئەقىللىق سائەتكە ئوخشاش ئىنتېرنېتقا ئۇلانغىلى بولىدىغان تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە، ئارمىيە سېپىدىكى بىرى تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرەر ئەقىللىق سائەت سوۋغا ئېلىشىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
NBC خەۋەر قانلىلىمۇ بۇ چەكلىمىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييلەنلەشتۈردى. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئاي نەنجىڭ ھەربىي بازىسىدا بىر ئەسكەرنىڭ دوستلىرىنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن ئەقىل سائەت ئىشلىتىشىگە قارىتا، ھەربىي ئەمەلدارلار بۇ ھەقتە مۇتەخەسسلەردىن مەسلىھەت سورىغان.
خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتچىلىكىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگىنىمۇ مۇنداق بايانات بەردى: «ئىنتېرنېتكە ئۇلىغىلى بولىدىغان، ئورۇن ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان ۋە ئاۋازلىق ئىزدەش ئالاھىدىلىكلىرى بولغان تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ھەربىي خادىملار ئىشلەتسە، دۆلەت مەخپىيەتچىلىككە خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.»
ئەنگلىيەدە مۇداپىئە ساھەسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان چۈشەنچە ئورگىنى رۇسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پېتېر كىۋېنتىننىڭ قارىشىچە، ئارمىيە سېپىدا تاقىغىلى بولىدىغان تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش كۆپەيسە نۇرغۇن مەسىلە كېلىپ چىقىدىكەن. »
كىۋېنتېن ئىنتېرنېتكە ئۇلىنىدىغان ۋە يىراقتىن تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ مېڭىشنىڭ «دۈشمەنلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى»بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر