ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراق پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

ئىككى پىرېزىدېنت بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

273509
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراق پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئىرانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم تېھراندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىككى پىرېزىدېنت بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
رۇھانى «ئۇچرىشىشىمىزدا ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەرتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدۇق، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز بىخەتەرلىكىمىز دەپ قارايمىز» دېدى.
رۇھانى يەمەن مەسلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «يەمەن مەسىلىسى سىياسىي ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇشتىن ھالقىپ كەتتى، ھازىر بارلىق دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىنسانىي بىر مەسىلىگە ئايلاندى. يەمەن خەلقى سەھىيە ئەسلىھەلىرى، يېمەك – ئىچمەك ۋە دورىغا جىددى ئېھتىياجلىق، شۇڭا يەمەن خەلقىگە يەتكۈزۈش كېرەكلىك ياردەملەر جەھەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرىلەشتۇق» دېدى.
ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد ماسۇم بولسا، تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورتاق كۈرەشنى ئەسلىتىپ، «قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن ئىرانغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئىران پاناھلانغۇچىلارغا قىلغان ياردەملەردىن باشقا يەنە، ئىراق خەلقىگە ۋە ئارمىيەسىگە دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن نۇرغۇن ياردەملەردە بولدى» دېدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر