ئامېرىكا ئۇسامە بىن لادىن ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا «ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەلققە خاتا مەلۇمات بېرىلدى» دېگەن خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

271028
ئامېرىكا ئۇسامە بىن لادىن ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننىڭ 2011 – يىلى پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر ئويدۇرما سېنارىيە ئىكەنلىكى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست سەيمۇر ھېرشنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەلققە خاتا مەلۇمات بەردى» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ خەۋەر ئاساسەن بىر ئويدۇرمىدىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
باياناتچى مەزكۇر خەۋەردە ئېغىر خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېستمۇ سۆزىدە، «بۇ خەۋەر نۇرغۇن خاتالىقلارغا تولغان بولۇپ، يالغۇز ئوباما ھۆكۈمىتىلا ئەمەس، ھەتتا ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى (CIA)نىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى مايك مورىلمۇ خەۋەردىكى ھەربىر جۈملىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.
ژۇرنالىست سەيمۇر ھېرش «London Review of Books» نىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، ئۇسا بىن لادىننىڭ 2011 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەن چېغىدا قېچىپ يۈرگەن ۋاقتى ئەمەسلىكىنى، بەلكى 2006 – يىلىدىن بېرى پاكىستان ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى يازغان ھەمدە پاكىستان ئىستىخبارات ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن بىر كىشىنىڭ 25 مىليون دوللار بەدىلىگە ئۇسامە بىن لادىننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنىنى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىغا ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر