دۇنيا بېيىماقتا، بىراق ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈۋاتقانلارمۇ كۆپەيمەكتە

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىق جەھەتتە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئەڭ ئېغىر نامراتلاشقان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

271651
دۇنيا بېيىماقتا، بىراق ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈۋاتقانلارمۇ كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 – نۆۋەتلىك تۈركىيە مەنىۋى بايلىقلار مۇكاپاتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تارقىتىپ بېرىلدى.
لۇتفى قىردار قۇرۇلتاي ۋە يەرمەنكە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا 6 ئوقۇتقۇچى ۋە 36 ئوقۇغۇچى مۇكاپات ئالدى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ بىر مەدەنىيەت، خەلق ۋە كۈلتۈرنىڭ يىلتىزىنى شەكىللەندۈرىدىغان تۈپ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.«مەنىۋىي بايلىق» دېگەننىڭ ئەسلىدە، خەلقلەرنىڭ ئاساسلىق تايانچلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش، ماددى جەھەتتە بېيىشنىڭ مانىۋى جەھەتتىنمۇ بېيىشقا كاپالەتلىك قىلمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىق جەھەتتە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئەڭ ئېغىر نامراتلاشقان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىسلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىراق دۇنيا نۇپۇسىنىڭ %70 پىرسەنتى سۇغا مۇھتاج، ھەر بىر مىنۇتتا 7 كىچىك بالا سۇسىزلىقتىن ئۆلۈۋاتىدۇ. دۇنيادا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 40 مىڭ، 50 مىڭ، 60 مىڭ ھەتتا 100 مىڭ دوللارغا يېتىدىغان دۆلەتلەر بار. يەنە بىر تەرەپتە بولسا، ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئىنسانلار بار»دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر