ئەنگلىيەدە تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان ئاياللار كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى

ئەنگلىيەدە 7-ماي ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا، پارلامېنتقا 13 مۇسۇلمان كىردى. بۇنىڭ ئىچىدە سەككىزى ئاياللاردىن سايلاندى.

269751
ئەنگلىيەدە تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان ئاياللار كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئومۇمىي سايلامدا، ئىشچى پارتىيەسىدىن توققۇز، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن ئۈچ ۋە شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىدىن بىر مۇسۇلمان نامزات پارلامېنت ئەزاسى بولدى.
شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان ئاياللار پارلامېنتقا كىردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەت قوزغايدىغىنى بولسا، غەربىي بريىدفورد رايونىدا ئىشچى پارتىيە ئەزاسىنىڭ ناز شاھنىڭ رېسپېكت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جورج گاللوۋېيغا قارشى قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسى بولدى. ناز شاھ پەلەستىننى قوللايدىغان پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان ۋە كۆپ قوللاشقا ئېرىشكەن گاللوۋېيدىن 11 مىڭ 420 كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتقا كىردى.
ئەنگلىيەدىكى «مۇسۇلمانلار خەۋىرى» ناملىق ئايلىق گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئەھمەت ۋەرسى، بۇنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «13 مۇسۇلماننىڭ پارلامېنتقا كىرگەنلىكى ناھايىتى ياخشى خۇش خەۋەر. ئەمما، نوپۇسنىڭ خىلمۇ خىللىقىغا قارىغاندا، ھەممە خەلقنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ۋەكىللىك قىلىنغانلىقىنى ئېيتقىلى بولمايدۇ» دېدى.
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسىدا 650 پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا سەككىز مۇسۇلمان پارلامېنتقا كىرگەن ئىدى. ئەنگلىيەدە تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان نوپۇسى ياشايدۇ. بۇ رەقەم پۈتۈن نوپۇسنىڭ %4.4 نى تەشكىل قىلىدۇ. 7-ماي ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا، پارلامېنتتا 331 ئورۇنغا ئىگە بولغان باش ۋەزىر داۋىد كامېرون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىشچى پارتىيەسى، لىبېرال دېموكرات پارتىيەسى ۋە مۇستەقىللىق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىستېپا بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر