فىلىپپىن تەيفىڭ بورىنى خەۋىپى ئاستىدا قالدى

فىلىپپىننىڭ شەرقىي شىمالىدا تەيفىڭ  بورىنى ئاپىتى يۈز بېرىپ، رايونغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

269493
فىلىپپىن تەيفىڭ بورىنى خەۋىپى ئاستىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تىنچ ئوكياندا مەيدانغا كېلىپ فىلىپپىنگە قاراپ ئىلگىرىۋاتقان نۇل ناملىق تەيفىڭ بورىنى قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلدى.
سائەتلىك تىزلىكى 220 كىلومېتىرغا يەتكەن بۇ قېتىمقى تەيفىڭ بورىنى فىلىپپىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كاگايان رايونىغا ئېغىر زەربە بەردى.
كۈچلۈك بوران توك سىملىرىنى ئۈزۈۋەتكەچكە رايوندا توك توختاپ كەتتى. تەيفىڭ بورىنىنىڭ قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىشى نەتىجىسىدە يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلدى.
يەرلىك دائىرلەر رايوندىكى 1200دەك ئاھالىنى تارقاقلاشتۇردى. بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ بەزى ئايرۇپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پاراخوت ۋە كېمىلەرمۇ پورتتىن ئايرىلمىدى.
يىلدا 20 قېتىمدەك تەيفىڭ بورىنى ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ تۇرىدىغان فىلىپپىندە ئىككى يىل ئىلگىرى يۈز بېرىپ قۇرۇقلۇققا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن خەيياڭ تەيفىڭ بورىنى 8000 دەك ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر