ئەل قائىدە باياناتچىسى ئۆلتۈرۈلدى

ئەل قائىدەنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى باياناتچىسى ئۆلتۈرۈلدى.

266732
ئەل قائىدە باياناتچىسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەل قائىدىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى باياناتچىسى ناسىر بىن ئەلى ئەل ئانسى ئۆلتۈرۈلدى.
تەشكىلات بىر ۋىدېئو ئېلان قىلىپ ناسىر بىن ئەلى ئەل ئانسىنىڭ ئامېرىكىغا تەۋە بىر كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن يەمەننىڭ مۇكاللا شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ھۇجۇمدا باياناتچى بىلەن بىرلىكتە ئوغلى ۋە ئالتە ئەل قائىدە ئەزاسىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئەل قائىدە فىرانسىيەدە ھەزىل ژۇرنال چارلىي ھېبدوغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر