تۈركىيە زەپەر بايرىمى پائالىيەتلىرىگە باش ئەلچى سەۋىيەسىدە قاتن

تۈركىيە رۇسىيەنىڭ 9 – ماي زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە باش ئەلچى سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلىدۇ.

267411
 تۈركىيە زەپەر بايرىمى پائالىيەتلىرىگە باش ئەلچى سەۋىيەسىدە قاتن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ 9 – ماي زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مەسىلىسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن تۈنۈگۈن تارىخشۇناسلارغا بەرگەن زىياپەتتىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.
سۆھبەت جەريانىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زەپەر بايرىمىنىڭ 70 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە باش ئەلچىسى سەۋىيەسىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلماسلىقىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر