ئاشقۇن ئوڭچىلار جامەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇتۇلۇپ قالدى

گېرمانىيە ساقچىلىرى جامەلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى قولغا چۈشۈردى.

264157
ئاشقۇن ئوڭچىلار جامەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇتۇلۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دائىلىرى جامە ۋە مۇساپىرلار مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىرى ئايال جەمئىي 4 كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

فېدېراتىپ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ئاشقۇن ئوڭچىل تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا كۆپ مىقداردا پارتلاتقۇچ ماددىمۇ قولغا چۈشۈرۈلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ جامەلەر بىلەن مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان جايلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر